105.The Elephant

  1. پەرۋەردىگارىڭنىڭ فىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟
  2. ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟
  3. ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ - توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى
  4. قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ،
  5. ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى